كلمات يالغۇز

🎤 Elyar eziz
كىچە ئۇزۇن كوچىلاردا
يۈرۈيمەن يالغۇز
ئەجەپ ئېغىر ئازاپلاردا
قالىمەن يالغۇز
بىلمەيمەن كىتەرسەن قايان
دوسلىرىم بىلمەيدۇ ھامان
ھىجراندا قالىمەن يالغۇز
بىلمەيمەن كىتەرسەن قايان
دوسلىرىم بىلمەيدۇ ھامان
ھىجراندا قالىمەن يالغۇز
كۆزلەرىمنىڭ نۇرىنى
يۈزۈڭدىن ئىزدەيمۇ
كۆزلەرىمنىڭ قاراسىنى
كۈزۈڭدىن ئىزدەيمۇ
مەن سىنى گۈزەل قىز دەيمۇ
ئۆزەمنى بەختسىز دەيمۇ
بەختسىز يقالىمەن يالغۇز
مەن سىنى پەرىزات دەيمۇ
ئۆزەمنى ئازغان زات دەيمۇ
ئازغۇندا قالىمەن يالغۇز
يادىڭغىمۇ يەتمەسمەن
سۈيۈلسەڭ يالغانلارغا
چۈشۈڭگىمۇ كىرمەسمەن بەلكىم
يىقىلسام قاۋاقلاردا
ئىسمىڭنى چاقىرغان پېتى
يۈزۈمدە ياشىمنىڭ دېغى
دۇنيادىن كىتىمەن يالغۇز
يوقاتتىڭ سەن پاكلىقىڭنى
پۇشايمان بىلەن بىر كۈنى
قەبرەمگە كىلىسەن يالغۇز
ئىسمىڭنى چاقىرغان پېتى
يۈزۈمدە ياشىمنىڭ دېغى
دۇنيادىن كىتىمەن يالغۇز
يوقاتتىڭ سەن پاكلىغىڭنى
پۇشايمان بىلەن بىر كۈنى
قەبرەمگە كىلىسەن يالغۇز
🟢 واتساب 𝕏

أغانٍ أخرى لـ Elyar eziz

كل أغاني Elyar eziz ←